-
2009-01-08
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
http://misiranim.blogbus.com/logs/33599700.html
ئامېرىكا دوللىرى پىروۋوت نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى كېلەر يىلى 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ زاكاز باھاسى 23.2 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 837.4 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ، باھانىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى 2.7 پىرسەنت بولدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا كېلەر يىلى 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۆمۈشنىڭ زاكاز باھاسى 27 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 10.85 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى، كېلەر يىلى 1 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئاق ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيىسىنىڭ زاكاز باھاسى 12 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 856.1 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
دۆلەت يولى 218 - لىنىيىسىنىڭ چىڭسىخوزا - غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كەڭساي - قورغاس چىگرا ئېغىزى يۇقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئىككى يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنىپ، رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلى دەريا ۋادىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى
收藏到:Del.icio.us







